بېكەت خەتلىك ئېلانلىرى

باشبەت قىلىۋېلى قۇشۇۋېلىڭ  پىكىر بېرىڭ

  سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئەلگىيار تورى >> خەۋەرلەر >> دۇنيادىكى ئىشلار >> قىزىق نوقتا
  خەۋەر كۆرۈش

سەبى قەلىبلەر ئىللىقلىقتىن ئارزۇيىغا يەتتى

[ئاپتورى: تەڭرىتاغ تورى  مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى  ۋاقتى: 2008-11-13 11:29:31  ئۇقۇلۇشى: 38 قېتىم][خەت:خەت رەڭگى]

 ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ۋە فوتوسى : كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى —ناھىيلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئۇقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنى ئۇرۇنلاشتۇرالمىغانىدى. يېقىندا ، شىنجاڭ شىڭخې گۇرۇھى يولۇچى تۇشۇش ترانسىپورت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئۇبۇل ھاشىم بۇ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولدى . ئۇ بىر قېتىملىق شىركەت ئىشلىرى يىغىنىدا ‹‹بالىلار چوقۇم ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشى كېرەك ›› دېدى ھەمدە شىركەت مالىيىسىدىن 130مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ ، 30كومپىيوتېر ۋە كېتەرلىك ئۈستەل–ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ ، كېرىيە ناھىيىلىك 2–باشلانغۇچ مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

    11-ئاينىڭ 12-كۈنى كېرىيە ناھىيىلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. نەچچە يىل توپا بېسىپ تۇرغان ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىخانىسىغا تىزىلغان 30يۈرۈش سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق ‹‹لىيەنشىياڭ››ماركىلىق كۆمپىيوتېر ھەممەيلەننى ھاياجانغا سالدى. تۇنجى قېتىم ئۈچۈر تېخنىكا دەرسىنى بۇ سىنىپتا ئاڭلىغان 3-يىللىق 1-سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى سەدىردىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دىدى:‹‹مەن تېلېۋىزوردىن ( كومپىيوتېر بىلمىگەنلەر 21-ئەسىردىكى ساۋاتسىزلار) دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ، كومپىيوتېرنى ئۆگىنىشنى بەك ئارزۇ قىلغانىدىم. بۈگۈن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم كومپىيوتېر ئالدىدا مائۇسنى ھەركەتلەندۈرۈپ چەكسىز خۇشال بولدۇم››.

    زىيارىتىمنى تۈگىتىپ يېنىمغا قارىسام سەدىردىننىڭ يۈرەك سۈزىدىن مۇئەللىملەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزى لىق ياشقا تولغانلىقىنى كۆردۈم.



سۈرەتتە:خۇشاللىققا چۆمگەن سەدىردىن ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى

( مۇھەررىر : قەيسەر )
•ئالدىنقىسى:چاۋشيەن ھەربىي تەرەپ چاۋشيەن – كورىيە قۇرۇقلۇق يولىنى ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
•كېيىنكىسى:ئوباما ئاق سارايدا بۇش بىلەن كۆرۈشتى
كۆچۈرۈش 】 【 بېسىپ چىقىرىش
  مۇناسىۋەتلىك خەۋەر
مۇناسىۋەتلىك خەۋەر يوق
بېكەت باياناتى:بېكىتىمىزدىكى قىسمەن ماتېرىياللار توردىن توپلانغان بولۇپ ئەسلى ئاپتورغا تەۋە ، ئەگەر نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا ياكى ھوقۇقۇمغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
  مۇناسىۋەتلىك باھا
نۆۋەتتە باھا يوق
جەمئىي 0 پارچە باھا بار،نۆۋەتتە كۆرسىتىلىدىغىنى ئەڭ يېڭى 3 پارچىسى.  باھا كۆرۈش ۋە باھا يېزىش  
 
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  خېرىدارلىرىمىز  |  ھەمكارلىشىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ
Copyright © 2008 - 2012  www.algiyar.com All Rights Reserved
بۇ بېكەتنىڭ  نەشىر ھۇقۇ ئەلگەيار ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەۋە(شىنجاڭ ئاقسۇ)
ئىشلىتىش ھۇقۇقى شىنجاڭ ئەلگىيارئويغۇرئەدەبىيات تورىغا مەنسۈپ
  مۇلازىمەت خەت ساندۇقى k.m.alyari@163.com ئالاقە QQ نۇمۇرى: 471987270  بېكەت مەسئۇلى: ئەليارى
新ICP备06002808号  
Unicode