باغدادتا ، سالىخنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا كەلگەن كىشلەر ئۇنىڭ مېيىتىنى ئۇزاتماقتا
شىنخۇا تورى باغداد 9 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ئىراق پارلامېنتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى سالىخ 9 – ئۆكتەبىر باغدادنىڭ شەرقىدىكى سادىر بازىرىدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان .
ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، سالىخ ئامېرىكىغا قارشى شىئە مەزھىپىدىكى ئاساسلىق پارتىيە ‹‹سادىر ھەرىكىتى››دىن كەلگەنىكەن . ئۇنىڭ ماشىنا ئەترىتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سادىر بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ، يول بويىغا توختىتىپ قۇيۇلغان بىر موتسىكلىت تۇيۇقسىز پارتىلىغان . پارتلاشتا سالىخنىڭ ئىككى نەپەر قوغدىغۇچىسى نەق مەيداندا قازا قىلغان . سالىخ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى كەچتە قازا قىلغان .
سالىخنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى كۆز يېشى قىلماقتا
‹‹ئىراق ئاۋازى›› ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ‹‹سادىر ھەرىكىتى››نىڭ باياناتچىسى ئەھمەد مەسۈد مۇنداق دېگەن :‹‹ ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى سالىخنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك . چۈنكى بۇ پارتلىتىش ۋەقەسى ئىراق بىخەتەرلىك قىسمى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن جايدا يۈز بەردى ››.
( مۇھەررىر :
ئامانگۈل )