بېكەت خەتلىك ئېلانلىرى

باشبەت قىلىۋېلى قۇشۇۋېلىڭ  پىكىر بېرىڭ

  سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئەلگىيار تورى >> خەۋەرلەر >> دىيارمىزدىكى ئىشلار >> دىيارىمىزدا
  خەۋەر كۆرۈش

بىرقولدا مۇقىملىقنى، يەنە بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

[ئاپتورى: تەڭرىتاغ تورى  مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى  ۋاقتى: 2008-8-24 20:18:21  ئۇقۇلۇشى: 90 قېتىم][خەت:خەت رەڭگى]

بۇ

   ۋاڭ لېچۈەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 بىر قولدا مۇقىملىقنى، يەنە بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتۇپ ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ۋاڭ لېچۈەن ئاساسىي قاتلام كادىر – ساقچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 19 – ئاۋغۇستتىن 20 – ئاۋغۇستقىچە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەيدىغان ئىدىيىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىگە بولغان تونۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تۈرلۈك سۇقۇنۇپ كىرىش، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۈنۈملۈك ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، بىر قولدا مۇقىملىقنى، يەنە بىر قولدا ئىسلاھات، تەرەققىياتنى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى غۇلجا، توققۇزتارا ناھىيىلىرى ۋە غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرى، كان – كارخانىلار، قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا، يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ‹‹شىنۋېن›› كانچىلىق گۇرۇھىنىڭ(ئىلى) ‹‹تەيشەن›› قۇياش نۇرى يېڭىچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى، ‹‹خۇاشېڭ›› بىئو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قۇرۇلۇۋاتقان غۇلجا ۋوگزالى، ئىلى ‹‹جىندى . يۆجىن›› ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ۋە چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، غۇلجا ناھىيىسى خۇدىياريۈزى يېزىسىنىڭ ئورمان كەنتىگە، غۇلجا شەھىرى ئازادلىق يولى ساقچىخانىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ج خ خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى ھەم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئىلىدىكى چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

     ۋاڭ لېچۈەن 20 – ئاۋغۇست ئوبلاستنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە نۇقتىلىق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدى.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: يازلىق ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م مەزگىلىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھازىرمۇ يەنىلا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى تېخىمۇ تونۇشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىدۇ، مۇرەككەپ، جاپالىق، ئىرادىمىزگە باقمايدۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە كادىرلار بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى خىزمەت سەۋىيىسىدە توختاپ قالماي، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە كارغا كېلىدىغان، ئىلمىي، كۈچلۈك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر ۋە چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئاممىغا تايىنىپ تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇر، ئاخبارات خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ جىنايى ئىشلار بويىچە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىشتىن قايتقانلارنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پاسسىپ ئامىلنى مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئاكتىپ ئامىلغا ئۆزگەرتىش كېرەك؛ ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، بايلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلار ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچكە ئىگە چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېزدىن رېئال ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن 20 – ئاۋغۇستتىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاشقا قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەنلياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

     ئاپتونوم رايوننىڭ ج خ، دۆلەت زېمىن بايلىقى، سۇچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
•ئالدىنقىسى:جىڭ–غۇلجا–قورغاس تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى
•كېيىنكىسى:بېيجىڭ ئو ت م غا قاتناشقان شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدى
كۆچۈرۈش 】 【 بېسىپ چىقىرىش
  مۇناسىۋەتلىك خەۋەر
ئوباما ئاق سارايدا بۇش بىلەن كۆرۈشتى 2008-11-13 11:32:05
سەبى قەلىبلەر ئىللىقلىقتىن ئارزۇيىغا يەتتى 2008-11-13 11:29:31
چاۋشيەن ھەربىي تەرەپ چاۋشيەن – كورىيە قۇرۇقلۇق يولىنى ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى 2008-11-13 11:27:22
ئىران يېڭى بىر ئەۋلاد باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەردى 2008-11-13 11:21:24
 يۇشېنكو ئۇكرائىنا بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزمەيدۇ، دېدى 2008-11-13 11:19:11
بېكەت باياناتى:بېكىتىمىزدىكى قىسمەن ماتېرىياللار توردىن توپلانغان بولۇپ ئەسلى ئاپتورغا تەۋە ، ئەگەر نەشر ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا ياكى ھوقۇقۇمغا دەخلى تەرز قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ .
  مۇناسىۋەتلىك باھا
نۆۋەتتە باھا يوق
جەمئىي 0 پارچە باھا بار،نۆۋەتتە كۆرسىتىلىدىغىنى ئەڭ يېڭى 3 پارچىسى.  باھا كۆرۈش ۋە باھا يېزىش  
 
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  خېرىدارلىرىمىز  |  ھەمكارلىشىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ
Copyright © 2008 - 2012  www.algiyar.com All Rights Reserved
بۇ بېكەتنىڭ  نەشىر ھۇقۇ ئەلگەيار ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا تەۋە(شىنجاڭ ئاقسۇ)
ئىشلىتىش ھۇقۇقى شىنجاڭ ئەلگىيارئويغۇرئەدەبىيات تورىغا مەنسۈپ
  مۇلازىمەت خەت ساندۇقى k.m.alyari@163.com ئالاقە QQ نۇمۇرى: 471987270  بېكەت مەسئۇلى: ئەليارى
新ICP备06002808号  
Unicode